خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلمۇ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلغان.
خىتاي يەرشارى تورىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «توردا قانۇنسىز ئىشلىگەن سەككىز تۈرلۈك تىپىك دېلو»نى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ تور ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە ج خ تارماقلىرى ئامما دوكلات قىلغان يىپ ئۇچىنى ئاساس قىلىپ، توردىكى ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دېلونىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ يىل 5-ئاي ۋە 6-ئايدا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، «مىللىي كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەش»، قىسقا سىن سۇپىسىدا ئاتالمىش «مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن جازالانغانلىقى قەيت قىلىنغان.
گەرچە خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بۇ خىل تۆھمەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق 10 يىلدىن يۇقىرى جازالاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خەۋەردە بۇ تەپسىلاتلار يوشۇرۇلۇپ، يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ جازاسىنىڭ 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنىڭ قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن دوكلات قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، دوكلات قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
2021-يىلى بىر قىسىم تور بەتلەردە خىتاينىڭ «ھۆكۈم ئارخىپلىرى تور بېكىتى» دىكى بىر ھۆججەت ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن: خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئىسمايىل سىدىق ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىشارەت بىلەن مەخپىي ناماز ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك جازا مۇددىتى 13 يىل ئۇزارتىلغان. خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى تۆھمەتلىرى بىلەن خىتاي سوت مەھكىمىسى «تۈرمىدە كۆپ قېتىم مەخپىي دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، نازارەت تەرتىپىنى بۇزۇش، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن ئىسمايىل سىدىقنىڭ جازا مۇددىتىگە 13 يىل قوشقان ۋە ئەسلىدىكى جازا بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتىنى 20 يىل قىلىپ بېكىتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىمۇ دىنىي ئېتىقادنىڭ ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھەرگىز يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ