ئىسرائىلىيە مىنىستىرى: 1948-يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قارشىلىققا دۇچ كەلدۇق

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گالانت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل خەتەرگە 1948-يىلدىن بۇيان دۇچ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى سۆزىدە بارلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان جەڭچىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تىنچلىق دەۋرى ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش دەۋرى» دېگەن.

يوۋ گالانت سۆزىدە يەنە غەززەدىكى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خىتاب قىلىپ، تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ۋەدە بەرگەن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقىنى تەكىتلەپ: «مىڭلىغان كىشى بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلماقتا... دۆلىتىمىز ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە، بىز رەھىمسىز دۈشمەنگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، غەززەدىكى ھاماسنى يوقىتىمىز» دېگەن.

نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىككى يېرىم مىليون كىشى ياشايدىغان غەززىنى تولۇق مۇھاسىرىگە ئېلىپ، پەقەتلا ھاماسنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانا، مەكتەپ، تۇرالغۇ بىنا قاتارلىق ھەممە يەرنى بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاۋاتقان بولسا، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىككى تەرەپنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قالايمىقان بومباردىمان قىلىشىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1740 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2023 11:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق