BBC ھاماسنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتاشنى رەت قىلغان

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC ھاماسنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتاشنى رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، BBC نىڭ خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمى مۇھەررىرى جون سىمپسون بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن.

ئەنگلىيە تېلېگراف خەۋەرلىرى تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، جون سىمپسون BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىغا چۈشەنچە بېرىپ، ھاماسقا بۇ سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇ سۆزنى ئىشلىتىش BBC رادىيو شىركىتىنىڭ توقۇنۇشنى تەرەپسىز ھالدا خەۋەر قىلىش مەيدانىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، BBC نىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ھەققىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارشى نارازىلىق پىكىرلىرى كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گىرانت شاپس BBC نىڭ ھاماسنى «تېررورچى» دەپ ئاتاشنى رەت قىلغانلىقىنى «نومۇسسىزلىق» دەپ ئاتىغاندىن باشقا، BBC دىن بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى قايتىدىن باھالىشىنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2163 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2023 09:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق