ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئافرىقىنىڭ تۆمۈر يول تەرەققىياتىنى قوللىماقچى

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تۆمۈر يول تەرەققىياتىنى قوللاشنى پىلانلىماقتا.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ ، بىر يول» سودا پىلانىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى لوبىتو كارىدورى دەپ ئاتالغان بۇ تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ تۆمۈر يول ئانگولانىڭ لوبىتو پورتى بىلەن زامبىيە ۋە كونگونى تۇتاشتۇرىدىغان مال سېتىش تورى ئىكەن. زامبىيە ۋە كونگو ھەر ئىككى دۆلەت مىنېرال بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ھەرىكەت يەنە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ مۇھىم مىنېرال ماددىلىرىغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

لوبىتو كارىدورى تۈرى يەر شارى ئۇل ئەسلىھە ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تۇنجى تۈرى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە ئىكەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2148 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2023 09:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق