تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە باش ئىشتاب، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئامبارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان جايلار بىتچىت قىلىنغان ۋە نۇرغۇن تېررورچى يوقىتىپ تاشلانغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قارشى بىلجىرلىدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك / ي پ گ ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ، خەلق ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىش پۇرسەتلىرىنى يوقىتىپ، تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 51-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئاساسەن، تېررورچىلارنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى بازىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ھاۋا ھەرىكەتلىرىگە قارىتا جۆيلۈپ: «خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدۇ. تەرەپلەر سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىدى ۋە خىتاي بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق بارلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۆتكەن يىللاردا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
پ ك ك ۋە ي پ گ غا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بىر تاراتقۇنىڭ مۇخبىرى ماۋ نىڭدىن تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دېموكراتىك سۇرىيە ئارمىيەسى كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا (مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى توپلاشقان يەرلەر) ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، ھەرىكەتلەر 6-كۈنىگە قەدەم قويدى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى قانداق؟» دەپ سوئال سورىغان بولۇپ، ماۋ نىڭ يەنىلا ھىيلىگەرلىك بىلەن: «خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچ ئىشلىتىشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. تەرەپلەر سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەندى.
تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ خىتاينىڭ بۇ خىل ئىككى يۈزلىمىچى باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ زېمىنىدا ياكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا كۆز تىكمەيدىغانلىقىنى، دەل ئەكسىچە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھۇجۇمىدا بىتچىت قىلىنغان تېررورلۇق بازىلىرىنىڭ ھەم تۈركىيە، ھەم رايون دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاي رېجىمى ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تىزىمغا ئېلىنغان پ ك ك، ي پ گ قاتارلىقلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر