ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ پەلەستىن ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى سەۋەبلىك، غەززە رايونىدىكى ئاز دېگەندە 17 مىڭ 500 ئائىلە، 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەرگەردان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا يەنە تەخمىنەن 73 مىڭ كىشىنىڭ غەززە رايونىدىكى مەكتەپلەردە پاناھلىنىۋاتقانلىقى، ب د ت نىڭ غەززە رايونىدىكى جىددىي پاناھلىنىش ئورنىنى ئىشقا سېلىپ، سەرگەردانلىقتا تۇرۇۋاتقانلارغا زۆرۈر ياردەم بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
ئىسرائىلىيە ئاممىۋى رادىيو شىركىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، توقۇنۇشتا 700 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى بولسا 9-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 493 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2751 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ