ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىغا قايتا ئەزا بولدى

10-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا 47 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسى قايتا سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي يەنە بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولدى.

10-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسىدا تۆت ئورۇن بوش بولۇپ، خىتاي تۆت نامزاتنىڭ بىرى بولغاچقا، يەنە بىر قېتىم ئەزالىققا ئاسانلا ئېرىشكەن. ئەمما بۇ گۇرۇپپىدىكى كۇۋەيت، ھىندونېزىيە ۋە ياپونىيەگە قارىغاندا ئەڭ ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن.

بۇ سايلام يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كەم دېگەندە 97 بېلەتكە ئېرىشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ۋەزىپە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، ئالبانىيە، بىرازىلىيە، بۇلغارىيە، بۇرۇندى، خىتاي، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، كۇبا، فىرانسىيە، گانا، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، كۇۋەيت، مالاۋى ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەزالىق مۇددىتى ئۈچ يىل ئىكەن. يېڭىدىن تاللانغان دۆلەتلەر 2024-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خىزمەت باشلايدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىغا قايتىدىن ئەزا بولۇشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 دىن ئارتۇق تەشكىلات ب د ت نى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتەشنى چەكلەشكە چاقىرغانىدى.

ئورتاق باياناتتا: «ئىمزا قويغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا سايلىنىشىغا قارشى تۇرىمىز. بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا بېلەت تاشلىماسلىققا ۋە بوش ئورۇن قالدۇرماسلىققا چاقىرىمىز. چۈنكى خىتاينىڭ ب د ت نىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا مەسئۇل ئەڭ ئالىي ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى يوق» دېيىلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1976 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2023 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق