ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھاماسنى بىردەك ئەيىبلىيەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 8-ئۆكتەبىر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرغان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئەزا دۆلەتلەر ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى قوزغىغان ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ب د ت بۇ مەسىلىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان.

رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، خىتاي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان تەقدىردە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى، پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەلەستىن مەسىلىسىدە بىردەكلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ھېچقانداق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلالمىغان. رۇسىيە باشچىلىقىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ھاماسنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، مەسىلىگە قارىتا دىققەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاسىلى نېبېنزىيا

 «مېنىڭچە ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش كېرەك، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت باشلاش كېرەك. بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىزگە تەكىتلەپ كەلگەن سۆزى» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ئادەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغان خىتاي ب د ت نىڭ بىرلەشمە باياناتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن بىر مەيداندا تۇرمىغان.

خىتاينىڭ ب د ت  تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن: «خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھېچنېمە دېمىدى، بۇ ئىنتايىن بىنورمال. خىتاي پۇقرالارغا قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ۋە ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئەڭ چوڭ چەكلىمىلەرنى قوللىنىشقا ۋە ئۇرۇشنى توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2090 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2023 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق