خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

9-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ سان-فىرانسىسكودىكى باش كونسۇلخانىسىغا بىر ماشىنا بۆسۈپ كىرگەن بولۇپ، ساقچىلار شوپۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ئەتراپتىكى كوچىلارنى كونترول قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بىر ماشىنا سان-فىرانسىسكودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ۋىزا بېجىرىش زالىغا تۇيۇقسىز ئۈسۈپ كىرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە كالىفورنىيەگە تەۋە 8VIY963 نومۇرلۇق قارا رەڭلىك ماشىنىنىڭ خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ كارىدورىغا توختىتىلغانلىقىنى بايقىغان. ساقچىلار دەرھال شوپۇرنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق شوپۇر قارشىلىق قىلغانلىقتىن ئېتىۋەتكەن. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خادىملىرى يارىلانغان شوپۇرنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، گۇماندار دوختۇرخانىدا ئۆلگەن.

ساقچىلار ماشىنىنىڭ ئىچىدە پارتلاتقۇچ دورا بارلىقىدىن ئەنسىرەپ، ماشىنىغا يېقىنلاشمىغان. ئەكسىچە ۋەقەنى يۇقىرىغا دوكلات قىلغان ھەمدە پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتى ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى پۇراپ سېزىدىغان ئاپشاركا ئىتلارنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈشىنى ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كونسۇلخانا بىناسىدىكى كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئەتراپ بىر تۈركۈم ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان.

شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 18:30 ئەتراپىدا، نەق مەيداننى قامال قىلغان سان-فىرانسىسكو ساقچىلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

سان-فىرانسىسكو ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «نۆۋەتتە گۇماندار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، سان-فىرانسىسكو ساقچى ئىدارىسى ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشماقتا. بىز ھازىر تەمىنلىيەلەيدىغان ئۇچۇرلار بۇلاردىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ ھەقتە گۇۋاھچىلار بولسا ياكى يېڭى سىن بولسا (بىز بىر قىسىم يانفوندا تارتىلغان سىنلارنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى بىلىمىز) گۇۋاھچىلاردىن تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى سورايمىز، ھەر قانداق ئۇچۇر دېلونى تەكشۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق» دېگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «جىنايەت گۇماندارى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، بىز ئون كۈن ئىچىدە ئوچۇق يىغىن ئۆتكۈزىمىز. ئەمما بۇ بىر ئالاھىدە تەكشۈرۈش، چۈنكى بۇ ۋەقە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يەرلىك قانۇنلىرى ۋە ئوخشىمىغان باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە چېتىلىدۇ، بۇ ۋەقە ئادەتتىكى ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇچۇر مەنبەسى ئىنتايىن چەكلىك. ساقچى مۇلازىمىتى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، تەپتىش مەھكىمىسى، مۇستەقىل تەھقىقلەش ئىدارىسى ۋە ساقچى مەسئۇلىيىتى ئىشخانىسىدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە مەسىلىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيمىز» دېگەن.

نەق مەيداندىكى بىر مۇخبىر: «ماشىنىدا باشقا قوراللار بايقالدىمۇ؟ ۋەقەگە چېتىشلىق ئاپتوموبىل جىنايەت گۇماندارىنىڭمۇ؟» دەپ سورىغان بولۇپ، باياناتچى بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر مۇخبىر: «بىرەرسى خىتاي كومپارتىيەسىنى نىشان قىلىپ، بۇ ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدىمۇ؟» دەپ سورىغاندا، باياناتچى يەنە ئوخشاش جاۋابنى بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1817 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2023 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق