باي ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11:17 دە ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.89 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.26 گىرادۇس)  4.5 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئولتۇراق رايوندا ياكى ئادەمسىز رايوندا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4896 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2023 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق