ئامېرىكىدا ئىسرائىلىيەنى قوللىغۇچىلار بىلەن ھاماسنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنى قوللىغۇچىلار بىلەن پەلەستىننى قوللىغۇچى نامايىشچىلار ئارىسىدا جېدەل-ماجىرا چىقتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 8-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك، ئاتلانتا، سان-فىرانسىسكو ۋە باشقا شەھەرلىرىدە مىڭلىغان نامايىشچىلار يىغىلىپ، پەلەستىن خەلقنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەرىكىتىنى قوللىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان نامايىشچىلارمۇ نامايىش قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىككى تەرەپتىكى نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن توقۇنۇشلار بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى دېموكراتىك ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنىڭ نىيۇيورك شۆبىسى ۋە پەلەستىن ياشلار ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە پەلەستىننى قوللايدىغان تەشكىلاتلار 8-ئۆكتەبىر پەلەستىننى قوللاش نامايىشى باشلىغان بولۇپ، مىڭلىغان كىشى بۇ نامايىشقا قاتناشقان. نامايىشچىلار «ئىسرائىلىيەگە قىلغان بارلىق ياردەملەر توختىتىلسۇن!»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلىغان، نامايىشچىلار تايمىس مەيدانىدىن ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسىنى شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزغا ھەرىكەت قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشكە بۇيرۇق قىلغان. نىيۇيوركتىكى پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشچىلار ئامېرىكىنى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2297 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2023 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق