ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە 42 شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ يەنە 42 شىركىتىنى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 6-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە خىتاينىڭ يەنە 42 شىركىتىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر رۇسىيە ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائەت بازىسىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە فىنلاندىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئەنگلىيەدىكى يەتتە ئورۇنمۇ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىدە قەيت قىلىنىشىچە، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بۇ ئورۇنلار ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە ياكى مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن تەمىنلىگەن دەپ قارالغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «بۈگۈن قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلدى. ئەگەر سىز رۇسىيە مۇداپىئە ساھەسىنى ئامېرىكىدىن كەلگەن تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىكەنسىز، بىز ئۇنى چوقۇم بىلىمىز ۋە تەدبىر قوللىنىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتون يەنە مەلۇم بىر شىركەتنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى تاشقى سىياسىتىگە تەھدىت دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ شىركەتمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر قارا تىزىملىكتىكى ئورۇنلارغا مال سېتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئىجازەتنامە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېكسپورتنى كونترول قىلىدىغان ئورۇن تىزىملىكىگە بىر قىسىم خىتاي ئورۇنلىرىنىمۇ كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 27-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىنىڭ ئاتالمىش قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1840 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2023 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق