خىتاي بىر قىسىم چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ساياھەت قىلىشى چەكلەنگەن رايونغا ئايلانغان.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بۇ يىل چەت ئەل شىركەتلىرىگە تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم بانكىرلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساياھەت قىلىشىنى چەكلىشى خىتايغا ساياھەتكە بېرىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى شىركەتلەر ساياھەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى كېچىكتۈرگەن. باشقا شىركەتلەر نورمال ساياھەت پىلانىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتچىلەرگە يالغۇز ئەمەس بەلكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خىتايغا كىرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلەر خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ قالغان. ATG Travel Worldwide نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تامىي كىرىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينى ساياھەت قىلماقچى بولغانلار پەقەت خىزمەتتە مۇھىم بولغان ساياھەتنى قىلىشنىلا تەۋسىيە قىلىدىكەن. بىلدۈرۈشىچە، بۇ شىركەت مەخسۇس دۇنيادىكى چوڭ خوجايىنلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان شىركەت ئىكەن.
كىرىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا قىلىدىغان سودا ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى كېچىكتۈرگەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن %25 دىن ئاشقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى 9-ئايدا ئېلان قىلغان بولۇپ، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ بەشتىن بىر قىسمى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشنى ئازايتقان. چەت ئەل باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا ساياھەتكە بارماسلىقى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
غەرب ئەمەلدارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساياھەت چەكلىمىسى ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرگە بېسىم قىلىش ياكى چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان تالاش-تارتىشتا ئەۋزەل ئورۇنغا ئېرىشىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بىراق
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرگە تېخىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ