ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان ئۆزەك ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى يېڭىلىماقچى

ئامېرىكا ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغان ئەڭ يېڭى قائىدىلەر ئاخىرقى تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان چەكلىمىسىنى تېزدىن كۈچەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىسى ۋە ئىلغار سۈنئىي ئىدراك ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا توشۇلۇشنى چەكلەيدىغان قائىدىلەرنى يېڭىلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يېڭىلاش تەدبىرى 2022-يىلى 7-ئۆكتەبىر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان چەكلىمىلەردە كۆرۈلگەن يوچۇقلارنى ئېتىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ قائىدىنى ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىغا خىتاي قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىكەن.

4-ئۆكتەبىر ئامېرىكا باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىشخانىسىنىڭ ئورگان تورىدا «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ئورۇن تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىش» ناملىق بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشى بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا توشۇلۇش چەكلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ئامېرىكا سابىق ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىشخانىسى ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئە، سودا ۋە ئېنېرگىيە تارماقلىرى بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنىغا قوشۇلمىغۇچە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قائىدىسىنى چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئىدراكتا ئىشلىتىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۆزەكلەرگە ئېكسپورت چەكلىمىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن مۆلچەرلەنگەن يېڭى قائىدىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2926 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2023 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق