دوكلات: خىتاي تور ئەركىنلىكىنى چەكلەشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان

«ئەركىنلىك سارىيى» يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تور ئەركىنلىكىنى چەكلەشتە ئۇدا توققۇز يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىنلىك سارىيى 4-ئۆكتەبىر بۇ يىللىق يەرشارى بۇيىچە تەكشۈرۈلگەن «تور ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەرشارى تور ئەركىنلىكى ئۇدا 13 يىل ناچارلاشقان بولۇپ، خىتايدىكى تور ئەركىنلىكى ئۇدا توققۇز يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«ئەركىنلىك سارىيى» ئېلان قىلغان دوكلاتتا دۇنيا بويىچە 70 دۆلەتتىكى تور مۇھىتى ۋە ئەركىنلىك دەرىجىسى تەكشۈرۈلۈپ رەتكە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئەركىنلىك دەرىجىسىنى 100 نومۇردىن باھالىغاندا، خىتاي ئاخىردىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

بىراق تەيۋەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىك دەرىجىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، 78 نومۇر بىلەن ياپونىيەدىن بىر نومۇر يۇقىرى بولۇپ باھالانغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇش خىتايدا ئومۇملاشقان بولۇپ، خىتايدىكى شۈ جىيوڭ ئىسىملىك پۇقرالار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ۋە بىلوگ يازغۇچىسى بۇ يىل 4-ئايدا توردىكى يازمىلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ھەمبەھرىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئاتالمىش «دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. رەسمىي تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تەكشۈرگۈچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك تەختكە چىقىش قىلمىشىنى تەنقىد قىلغاندا، يازمىلار توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ كۈنسېرى ئېغىر باستۇرۇشىغا قارىماي، خەلقنىڭ قەيسەرلىكنى نامايان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، 2022-يىلى 11-ئايدا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش» نامى بىلەن نامۇۋاپىق كونترول قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇرالغۇ بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 50 نەچچىگە چىقىپ، باستۇرۇشقا چىدىمىغان خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغاپ، خىتاي رېجىمىغا ئاشكارا قارشى چىققانلىقى، نەتىجىدە خىتاي رېجىمى ئاتالمىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىدىن دەرھال ۋاز كەچكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن خىتاي خەلقىنىڭ ئىچىدە قاتتىق يۇقۇم تەدبىرلىرى مەزگىلىدە ئۇششاق-چۈششەك قارشىلىقلاردىن باشقا خىتاي رېجىمىنى يولسىز چەكلىمىلىرىدىن ۋاز كەچتۈرىدىغان چوڭ ئىشلارنىڭ چىقمىغانلىقىنى، ئەمما ئىشغال ئاستىدا ئەڭ قاتتىق زۇلۇم كۆرگەن ۋە خىتاينىڭ ھېچقانداق ئۆلكىسىدە ئىجرا قىلىنمىغان قاتتىق باستۇرۇش يۇقۇم تەدبىرلىرى نامىدا يۈرگۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستاندا 2022-يىل 24-نويابىر يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىدىن كېيىن غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنى ئويغىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە نارازىلىق تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقالغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە خىتاي رېجىمىنىڭ يولسىز باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، خىتايدىكى ئومۇمىي نارازىلىقنىڭ ئوت پىلتىسىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ياققانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3453 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2023 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق