بۇ قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنى 11-سېنتەبىر ئېچىلغان بولۇپ 13-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىغىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇزاكىرە يىغىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنى مەجبۇرىي ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قىلمىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى باياناتىدا، خىتاي تەسىس قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپلەر»نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇر ئۆسمۈلىرىگە خىتاي تىلىنى مەجبۇرى ئۆگىتىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ بۇنىڭغا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ۋە يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرىقى باياناتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى زۇمرەت ئەركىن خانىم فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا بىر ھەپتە بولدى. ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ كۆپ قاتناشتى. خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشى ھەققىدە ئىسپات بېرىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇشى سەۋەبلىك ئائىلەمدە يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلارنى، ئانامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلىگىنىمدە، خىتاي ۋەكىلى مىنىڭ سۆزۈمنى بۆلۈشكە تىرىشتى. ئەمما مەن ئاخىرىغىچە سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ سۆزۈمنى داۋام قىلدىم. مەن يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تونۇشتۇردۇم» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى قىلغان ئەيىبلەشلىرىگە يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرمىغان. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە تارقاتقان دوكلاتقا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى خىتاي ھەققىدىكى باياناتلار ۋە قارشى ئاۋازلارنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرى بولمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ