خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە، زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، خەلقئارادىكى قىسمەن ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە 17 دۆلەتتىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 21-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە خىتاي مەركىزى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئۇچۇر ئىشخانىسى بىرلىكتە 17 دۆلەتتىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرىنى ئاتالمىش «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشتا مەملىكەتلىك ئاخبارات رەھبەرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيارەت ئۆمىكىگە بېلگىيە، كانادا، گېرمانىيە، ھىندونېزىيە، ئىران ۋە قازاقىستان قاتارلىق 17 دۆلەتتىن كەلگەن 22 ئاخبارات خادىمى قاتناشقان. خىتاي مەزكۇر ئاخبارات خادىملىرىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەرنى زىيارەت قىلدۇرغان ئورۇنلاردا ئاخبارات خادىملىرىنى يەرلىك خەلق بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمەلى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان قىسمەن ئاخبارات خادىملىرى خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولۇپ: «شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ گۈللەنگەنلىكى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆردۇق» دېگەن.
خىتاي رېجىمى ئەزەلدىن چەتئەللىكلەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت قىلماي كەلگەن بولۇپ، ئۆزى خالىغانچە چەت ئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشكەن ياكى رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن كىشىلەرنى ئېغىر جازالاپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇ قېتىم «مۇخبىرلارنى يەرلىك خەلق بىلەن كۆرۈشتۈردۇق» دەپ داۋراڭ سالغان ئالدامچىلىقتا ئىشقا سالغان «خەلق» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقى بىرمۇ بىر ئۆگىتىلگەن خىتاينىڭ ياللانما خادىملىرى ياكى تەھدىت بىلەن قورقۇتۇلغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
خىتاي رېجىمى بۇ زىيارەتتىمۇ ئوخشاشلا يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە يانتاياق بولۇپ كەلگەن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمەنى ئالدىغا چىقىرىپ قويغان بولۇپ، ئۇمۇ ھەر دائىمقىدەك خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىتىنى ماختاپ بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ