فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشىشى داۋام قىلماقتا

فىلىپپىن خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قامال قىلىشىغا قارىماي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مال يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، خىتاي تەرەپ فىلىپپىن پاراخوتلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى رېناي رېف ئارىلىغا كىرگەن فىلىپپىننىڭ تۆت پاراخوتىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولۇپ، فىلىپپىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى 4-ئۆكتەبىر ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككى تەمىنلەش پاراخوتىنىڭ خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تەمىناتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزغا مەسئۇل فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئورگىنى باياناتىدا: «گەرچە خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى قوراللىق پاراخوتلىرى دائىملىق ھەرىكەت قىلىش ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى توسۇش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق فىلىپپىننىڭ ئىككى پاراخوتى فىلىپپىن ئەسكەرلىرىگە يەتكۈزىدىغان تەمىناتنى يەتكۈزۈپ بەردى» دېگەن.

باياناتتا يەنە فىلىپپىننىڭ ئەسكەرلەرنى تەمىنات بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان قوغداش پاراخوتىنىڭ دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىشى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئېھتىياجلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دائىملىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن باياناتىدا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ مەشغۇلاتىغا ئائىت باشقا تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما فىلىپپىن ئىلگىرى خىتاينىڭ خەلقئارا دېڭىز بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3751 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2023 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق