ياپونىيەنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتمەكتە

ياپونىيەنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن 4-ئۆكتەبىر بەشبۇرجەكلىك بىنادا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مىنورۇ كىھارا بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ياپونىيە يەنە ئامېرىكىدا ياسالغان چارلىغۇچى توماھاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان.

بەشبۇرجەكلىك بىنا ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئوستىن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىش، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھالدا: «بۇ ئىتتىپاق ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ۋە تەھدىتلەرگە قارشى ئورتاق تارىخىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوستىن ياپونىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى، جۈملىدىن زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. 2022-يىلى 12-ئايدا ئوستىن يەنە ياپونىيەنىڭ 2022-يىللىق «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى»، «دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى» ۋە «دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ تەييارلىق پىلانى نى قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانىدى.

بەشبۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇچرىشىش داۋامىدا ئىككى تەرەپ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىرلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئورتاق نىشانى بولسا، ھەربىي كۈچنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تەھدىت كۈچىنى كۈچەيتىش، ۋەزىپىلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئوخشاش پىكىردىكى شېرىكلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

كىخارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدا ياسالغان «توماھاۋك» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پىلان قىلىنغاندىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2025-يىلى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ياپونىيە ئامېرىكىدىن مۇساپىسى 1600 كىلومېتىرغا يېتىدىغان 400 دانە «توماھاۋك» بومبىسىنى سېتىۋېلىپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا سەپلەشنى پىلان قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3337 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2023 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق