ئاۋسترالىيە رادىيوسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىزچىل كۈنتەرتىپكە كېلىشى سەۋەبلىك، خىتاي كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئارقىلىق بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلىرى ۋە چەت ئەل ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان نوپۇزلۇق ئاخباراتلار خىتاينىڭ تېپىرلاشلىرىغا زەربە بەرمەكتە.

بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى (ABC) خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلىپ، قىسمەن خىتايغا بېقىنىپ قالغان مېدىيا ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ «نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى نورماللىشىشقا قەدەم قويدى. شىنجاڭدىكى زور تەرەققىياتلارنى كۆردۇق» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئۇلارنى قەشقەردىكى ئۇيغۇر يەسلىسىنى زىيارەت قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار خىتاي تىلىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان. ئاندىن ئويۇن مەيدانىدا ئەنئەنىۋى مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغان.

خىتاي تەشكىللىگەن بۇ ساياھەت بىر ھەپتە داۋاملاشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 گە يېقىن ژۇرنالىست قاتناشقان. ئەمما خىتاي رېجىمى مۇخبىرلارنىڭ ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلاردىن باشقا يەرلەرنى كۆرۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زىيارەت ۋاقىت جەدۋىلىنى قاتتىق كونترول قىلغان. ۋاقىتلار قاتتىق زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلىشىشىغا ۋاقىت بەرمىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېتېر ئىرۋىننىڭ قارىشىچە، بەزى ئورگانلارنىڭ خىتاينى ئاقلاپ تىلغا ئالغان سۆزلىرى خىتاي رېجىمى بەلگىلىگەن بايانلار ۋە خىتاينىڭ مەقسىتىگە ماس كېلىدىكەن.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى رەھىمسىز جازالاپ ھەمىشە قورقۇتۇپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، ھەممە خەلق تەشۋىشتە ياشايدىكەن. ئۇلار تەشۋىش ئىچىدە ياشىغاچقا، خاتا گەپ قىلىشتىن، خاتا ھالدا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ياكى چەتئەللەردە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قاتتىق قورقىدىغان بولۇپ كەتكەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەلقى ئەركىن ھالدا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئازادە مۇھىتتا ياشايدۇ» دېگەن سەپسەتىسىگە تۆۋەندىكى پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن: «قەشقەردە نامازغا ئەزان ئوقۇش چەكلىنىدۇ، ئۇزۇن ساقال قويغان ئەرلەرنى ۋە ھىجابلانغان قىز-ئاياللارنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، قەشقەردە قۇرئان كەرىمنى ساتىدىغان بىرمۇ ئادەمنى تاپالمىدۇق. دېمەك نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام تارىخىغا ئىگە بىر رايوندا قۇرئان كەرىم تاپقىلى بولماسلىق نورمال ئەھۋالمۇ؟ ئەسلىدە 5000 مۇسۇلمان ناماز ئوقۇيدىغان، 600 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. نۆۋەتتە ھېيتگاھ جامەسى ئاساسەن ساياھەت ئورنى بولۇپ قاپتۇ. ساياھەت يېتەكچىمىز دەسلەپتە بىزنىڭ ناماز ۋاقتىدا مەسچىتكە كىرىشىمىزنى خالىمىدى، ئەمما ئاخىرىدا بىزگە يول قويدى. بىز ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلغان كۈنى ئاران ئون نەچچە كىشى ناماز ئوقۇغىلى كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى 50 ياشتىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى» دېگەن.

مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىغا ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمەنى چىقىرىپ قويغان بولۇپ، مەمەت جۈمە ئۇلارغا خىتاي يادلاتقۇزۇۋەتكەن يالغان تەشۋىقاتلارنى تەكرارلاپ بەرگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق ساياھەت ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالدىن تەييارلانغان يالغان سەھنىلەرنى ۋە چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6216 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2023 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق