ھىندىستان ساقچىلىرى خىتاينىڭ تەشۋىقات تورى دەپ ئەيىبلەنگەن خەۋەر ئورگىنىنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى 3-ئۆكتەبىر «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى دېھلى ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى رەقەملىك ئاخبارات سۇپىسى Newsclick نىڭ 40 تىن ئارتۇق مۇخبىر، يازغۇچى ۋە ياردەمچى خادىملىرىنىڭ ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەن. بۇ تور بەتتە خىزمەت قىلغان بىر قانچە مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىمالايا تېغىدىكى چېگرا تىركىشىشىدىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئورۇننى تەكشۈرۈپ تېلېفون ۋە خاتىرە كومپيۇتېرلارنى قولغا چۈشۈرگەن.
رەقەملىك ئاخبارات سۇپىسى Newsclick نىڭ بىر خادىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ يانفونىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تور بېكەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر مۇخبىر: «دېھلى ساقچىلىرى مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلدى، ئۇلار مېنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىمنى ۋە يانفونۇمنى ئېلىپ كەتتى» دېگەن.
بەزى ئاخبارات ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ باش مىنىستىر نارېندېرا مودى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ھىندىستاندا سۆز ئەركىنلىكى مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ھىندىستان ئەمەلدارلىرى بۇ تور بېكەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھىندىستان ئەمەلدارى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»گە قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى تارقىتىش ئۈچۈن ھەق ئالغانلىقى ھەققىدە شىكايەت بارلىقىنى، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۈسكۈنىلەردە ساقلانغان خاتىرىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ساقچى باياناتچىسى مۇخبىرغا يەنە: «خادىملار تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدەش، تۇتۇپ قېلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، 46 جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلدى ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن رەقەملىك ئۈسكۈنىلەر ۋە ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈردى. ئىككى جاۋابكار قولغا ئېلىندى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ