ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى: يانفون ئوينايدىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قالىدۇ

ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى يانفون ئوينايدىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قالىدىكەن.

خەلقئارا تېز خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدە قىلىنغان بىر ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، ئۈچ يىل ھەر كۈنى يانفون ئىشلەتكەن بالىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىش، تىل ۋە ھېسسىيات بىر تەرەپ قىلىش نېرۋا تەرەققىياتى توختاپ قالىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يانفون ئوينىغان ۋە ئىشلەتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا تەپەككۇر ۋە ھېسسىيات ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىشتىن توختايدىكەن.

بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى ياپونىيە توھوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ياشانغانلار تەتقىقات مەركىزى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئورنى يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 ياش ئەتراپىدىكى 223 بالىنىڭ تور ئىشلىتىش ۋە مېڭە تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ياپونىيەدىكى داڭلىق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، بۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتە بالىلارنىڭ تور ئىشلىتىش ئادىتى يەتتە تۈرگە ئايرىلىپ تەكشۈرۈلگەن:

1. كومپيۇتېر ياكى يانفون يوق ئائىلىدىكى بالىلار.

2. كومپيۇتېر ۋە يانفون بار، ئەمما ھەرگىز ئىشلەتمەيدىغان ئائىلىدىكى بالىلار

3. تاسادىپىي كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلار.

4. ھەپتىدە بىرەر كۈن كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلار.

5. ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ كۈن كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلار.

6. ھەپتىدە تۆت-بەش كۈن كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلار.

7. ھەر كۈنى دېگۈدەك كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلار.

ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، تەتقىقات مەركىزى ئالدى بىلەن يەتتە تۈرلۈك ئائىلىدىكى بالىلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىر-بىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى ۋە ئۇلاردا مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭمۇ يوقلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەكشۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى يەنە MRI ماگنېتىك رېزونانس ئارقىلىق بالىلارنىڭ مېڭىسىنى سۈرەتكە تارتقان. ئاخىرىدا يەنە تۈرلۈك ئائىلىدىكى بالىلارنى ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.

يەتتە تۈرلۈك بالىلار ئىچىدىن تورنى كۆپ ئىشلەتكەن بالىلارنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە تىل تەرەققىياتى ئاستا بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قالغان.

تېببىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور رىيوتا كاۋاشىمانىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈچ يىلدىن كېيىن چوڭ مېڭە X نۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مېڭە سۈرىتىدە كۆرسىتىلگەن قارا رايونلارنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن رايونلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا تور، بولۇپمۇ دائىم يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنىڭ رەڭگى قارىداپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باش سۆڭەك نېرۋا رايونىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاق ماددىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، باش نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بايقالغان. ھەر كۈنى دېگۈدەك يانفون ئىشلىتىدىغان بالىلارنىڭ 3 يىلدا مېڭىسىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى نۆلگە چۈشۈپ قالغىلى ئاز قالغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بىر بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون سېتىۋالسا ھەمدە تېلېفوننى ئىشلىتىپ ئۈچ يىل ھەر كۈنى تورغا چىقسا، ئۇنىڭ بۇ ئادىتى ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ، بۇ بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئەمەلىيەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتىنچى سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىكى ھالىتىدە توختاپ قالىدىكەن.

ئەمما يانفون ئىشلەتمەيدىغان باشقا بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ كۈچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى سىنىپىغا چىقىشقا لايىق تەرەققىي قىلىدىكەن.

مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىدا قالغان بالىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا قانداق غەلىبە قىلالايدىغانلىقى ھەر بىر ئاتا-ئانا جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم سوئال ئىكەن.

نىخون ئۇنۋېرسىتىتى تېببى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئارا چوڭ مېڭە قان تومۇرنى داۋالاش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھاياشى چېڭجىنىڭ قارىشىچە، يانفوننى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە تەسىر قىلىدىكەن. چۈنكى يانفوننى پات-پات ئاچسا ياكى ئېلېكتىرونلۇق خەت ياكى قىسقا ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرسا، ئوي-پىكىرلەرگە تەسىر قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىكەن.

پىروفېسسور لىن چېڭجى بارلىق كىشىلەرگە: «ئەڭ ياخشى مەكتەپكە كىرمەكچى بولسىڭىز، تېلېفون ئىشلەتمەسلىككە ئادەتلىنىڭ، ئەگەر خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلماقچى بولسىڭىز، يانفوننى تاقىۋېتىڭ» دەپ تەۋسىيە قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3156 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2023 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق