بانكوكتىكى بىر سودا سارىيىدا چىققان ئېتىشىش جەريانىدا ئىككى كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنىڭ خىتاي ساياھەتچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 3-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن تايلاندنىڭ باڭكوكتىكى سىئام پاراگون سودا سارىيىدا تۇيۇقسىز ئېتىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، 14 ياشلىق بىر بالا سودا سارىيىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. نەتىجىدە ئىككى كىشى ئۆلۈپ، بەش ئادەم يارىلانغان. خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئوق تېگىپ ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
ئىگىلىنىشچە، ئوق تېگىپ ئۆلگەن خىتاي پۇقراسى بېيجىڭلىق 34 ياشلىق ساياھەتچى ئايال ئىكەن.
ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ۋەقە توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. نۆۋەتتە ساقچىلار قاتىلنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى، قاتىلنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ