ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى فېنتانىل ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن سەككىز خىتاي شىركىتى ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ 12 باشقۇرغۇچىسىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتايدىكى ئون نەچچە شىركەت ۋە شەخسنىڭ فانتانىلنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ھەرىكەتنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئەجەللىك كىرىزىسقا قارشى كۈرىشىنىڭ بىر قىسمى دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ جازالاش تەدبىرلىرى خىتاي شىركەتلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى فېنتانىلغا ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى تەشۋىق قىلىش، ياساش ۋە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى خىتاينى باشقىلارنىڭ قۇربانى قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يەنە خىتاي شىركىتىنىڭ 12 باشقۇرغۇچىسىنى ئەيىبلەپ، 28 شەخس ۋە شىركەتكە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ جازا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرىشىنى رەت قىلىش ۋە ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جازالانغان خىتاي شىركەتلىرى خېبېي شېڭخاۋ ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى، لىخې دورىگەرلىك تېخنىكا شىركىتى، خەنخوڭ تېببىي تېخنىكا شىركىتى، جياڭسۇ باڭدېيا يېڭى ماتېرىيال تېخنىكىسى شىركىتى، خېبېي گۈەنلاڭ بىيوتېخنىكا شىركىتى، خېنەن رۈيجىيۇ بىئوتېخنىكا شىركىتى، شيامېن ئاجايىپ بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئەنخۇي رۈيخەن تېخنىكا شىركىتى، خەنخوڭ تېببىي تېخنىكا شىركىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ