شىۋېتسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى قەشقەردىكى سىرلارنى ئاشكارىلىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە بارغان شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى جوناس سجوستېد خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەممە جايدا كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى، دىپلومات جوناس سجوستېد ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا 28-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ: «قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى مەن تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدەك ھەيران قالارلىق ئىكەن. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا قەدىمكى كوچا، كوچا تۇرمۇشى ۋە ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بار بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئەسلىتەتتى. بۇ ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ ئاۋات مەزگىلىدە بەرپا قىلىنغانىدى. بىر نەچچە سائەت ئايلىنىپ چايخانىلارنى زىيارەت قىلغىلى بولاتتى. ئەمما خىتاي بۇ كۈلتۈر-مەدەنىيەتنى بۇزۇپ يوقاتماقتا» دېگەن.

جوناس سجوستېد باياناتىدا يەنە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «ئۇ يەردە ھەممە ئىش ناھايىتى نورمال، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن خۇشال ياشاۋېتىپتۇ» دېگەن تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا. شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك كوچىلاردا ئېغىر تىپتىكى قورال بىلەن قوراللانغان ساقچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممە يەردە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بار، خىتاي نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولىدى، ئۇلار ئاچارچىلىق، قىيىن-قىستاقنى باشتىن كەچۈرمەكتە، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىن ئەھۋالىغا سۈكۈت قىلىشى ۋە غەربنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يېتەرلىك ئۈن چىقارمىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «خىتاي ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۈن چىقارغان دۆلەتلەرنى جازالىماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بارغانسېرى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىنىدىغان بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، غەربتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن چىقىرىلغان سادالار ئىنتايىن ئاجىز بولماقتا» دېگەن.

ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇنچە كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىر تەرەپتە مىليونلىغان كىشى لاگېردا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتتا قالغان بالىلار ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنماقتا. خىتاينىڭ ھەر بىر ئائىلىدە بىر خىتاينى مەجبۇرىي تۇرغۇزۇشى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار بار» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6542 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2023 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق