بېنگال مۇسۇلمانلىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ نامايىش قىلدى.
بېنگال يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ 2-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بېنگال مۇسۇلمانلىرى بېنگالنىڭ داككا ۋە باشقا جايلىرىدا يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
نامايىشنى بېنگال ئۆلىمالار كېڭىشى (NUMP) تەشكىللىگەن بولۇپ، بەيتۇل مۇكەررەم مەسچىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.
نامايىشتا ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى مۇپتى ئەسەدۇللا زاكىر بايانات ئېلان قىلىپ، يەر شارىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى ۋە خەلقئارا كۈچلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان خورلاش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا چاقىرغان. ئۆلىمالار كېڭىشى باياناتىدا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
«داككا Tribune» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش يەنە داككادىن باشقا نارايانجانىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار باياناتلىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش، قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختاتمىغۇچە، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ