ئۇيغۇر ياش ئابدۇجېلىل: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەركىن مۇشتلىشىش سەھنىسىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىمەن

ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئابدۇجېلىل مۇھەممەد ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئالماس قايتۇرما زەربىسى» ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرىنىڭ 18-قېتىملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولدى ۋە مەيداندا ئۇيغۇرلارنىڭ جەسۇر روھىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتتى.

ئابدۇجېلىل مۇھەممەد 29-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئارقىسىغا «ئۇيغۇر»، ئالدىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيىپ مەيدانغا كىرىشى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتى تارتتى. رىياسەتچى ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى ئېلان قىلغاندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تونۇيدىغان تاماشىبىنلار ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇشقان بولسا، بىلمەيدىغانلارنىڭ كاللىسىدا «بۇ بايراق قايسى دۆلەتنىڭ بايرىقى؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.

ئابدۇجېلىل مۇھەممەدنىڭ مەيدانغا كىرىش تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، مەيدانغا چىقىۋېتىپ قىسقا دۇئا قىلىپ، ئارقىدىن بىر موللاق بىلەن سەھنىگە چىقىشى ئىككىنچى قېتىم تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاۋسترالىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر مۇسابىقىدە ياشلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇجېلىل مۇھەممەد گەرچە چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق مەيدانغا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ كىرىشى، ئۇنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەر روھى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سۆيۈندۈردى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچ ئايلانما شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئابدۇجېلىل مۇھەممەد رەقىبى لۇكاس سىمىتنى ئىككىنچى ئايلانمىدىلا تامامەن بويسۇندۇردى. مۇسابىقىدە ئۇنىڭ تەمكىن ھۇجۇمى ۋە مۇداپىئەسى رەقىبنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. رەقىبىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىرىنچى مەيداندىلا ئاساسەن ئايدىڭلاشقان بولۇپ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئۆتتى. ئەگەر بىرىنچى مەيدان بىر نەچچە سېكۇنت ئارتۇق داۋاملاشقان بولسا، ئابدۇجېلىل بىرىنچى مەيداندىلا رەقىبنى يەڭگەن بولاتتى. ئىككىنچى مەيداننىڭ بىرىنچى مىنۇتىدا تېخنىكىلىق ھالدا رەقىبىنى يىقىتىپ، قولىنى ئارقىغا قايرىپ كۈچەپ سىقتى ۋە رەقىبى يېڭىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن قويۇپ بەردى.

ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدىن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى. ئابدۇجېلىل مۇھەممەد بۇ ھاياجانلىق پەيتلەردە سەجدە قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئابدۇجېلىل مۇھەممەد بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا 65 كىلوگىراملىقلار بويىچە تۇنجى مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئەمما تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك، ئاخىرقى نومۇر ھېسابلاشتا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «ئەينى ۋاقىتتا مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولساممۇ، بىراق ئەركىن مۇشتلىشىش مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆرسىتىشمۇ مۇھىم غەلىبە دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ «ئەركىن مۇشتلىشىش ساھەسىگە كىرىشىڭىزدىكى ئاساسى غايىڭىز نېمە؟ ياكى بۇ سىزنىڭ پەقەت بىر قىزىقىشىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن بىر مۇھاجىر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئەركىن مۇشتلىشىش ساھەسىگە كىرىشتىكى غايىسىنى بايان قىلىپ: «مەن 2017-يىلى ئەركىن مۇشتلىشىش ساھەسىگە كىرىش ئۈچۈن چېنىقىشقا باشلىغان. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا مەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلالايمەن، دېگەن غايە ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئادەتتە دوستلىرىم بىلەن پۇتبول ئويناپ كېلىۋاتاتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇتبول ئويناپ، ئۇيغۇر خەلقىم ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىرەر ئىش قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمىدى. ئاخىرى ئەركىن مۇشتلىشىش ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئاراغا تونۇتقىلى بولىدۇ، دېگەن پىكىرگە كەلدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن چىققان داغىستانلىق داڭلىق ئەركىن مۇشتلاشچى ھەبىبنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئاخىرى ھەبىب خەلقئارادا تونۇلمىغان داغىستاننى خەلقئاراغا تونۇتتى. پۈتۈن دۇنيا داغىستاننى تونۇيدىغان بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەندە ھەبىبكە ئوخشاش جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق، ئاللاھ خالىسا شەرقىي تۈركىستاننى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش غايىسى پەيدا بولدى. مۇشۇ غايە بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ مەشىقنى باشلىدىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئابدۇجېلىل مۇھەممەد شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلماقتا. ئۇ بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا قاتنىشىپ، ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2905 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2023 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق