ئامېرىكا 29-سېنتەبىر خىتاي رېجىمىنىڭ پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇتنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىش بىلەن جازالىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز خىتاينى پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنى مەخپىي سوتلاش ۋاسىتىسى بىلەن چىقارغان مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.
دوكتور راھىلە داۋۇت خانىم قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى، ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت ئىنسانشۇناس ۋە ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ تەتقىقات داۋامىدا خارۋارد ۋە كامبىرىج قاتارلىق غەربتىكى نۇرغۇن داڭلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئورگانلار خىتاينى راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان دىيالوگ فوندى جەمئىيىتى بۇ ھەپتە راھىلە داۋۇتنىڭ 2018-يىلى 12-ئايدىكى مەخپىي سوتتا ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» تۆھمىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئاتالمىش شىنجاڭ يۇقىرى سوتى ئۇنىڭ ئەرزنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش جىنايى ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە ۋە ئېتىراپ قىلماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەنقىد قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ