ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار 74 يىللىق ئىشغالىيەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

 

ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى خىلمۇخىل پائالىيەتلەر ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىلمۇ تۈركىيەدىن باشقا گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزدى.

1-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد ۋە كېنزىلەند شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىدا خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ،  ئادىلەيدتىكى نامايىشنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، كېنزىلەند شەھىرىدىكىنى شۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىدى ۋە قوللىرىدا جازا لاگېرىغا سولىنىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە ھەرخىل شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلاشتى ۋە نامايىش ھەر ئىككى شەھەردە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.  

گوللاندىيەدىكى نامايىش ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشىكى، ئالدى ۋە يان تەرەپلىرىگە «خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن شوئارلار ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى چاپلاپ يۈرۈش قىلغان ۋە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى ئۇلارنىڭ نامايىشىغا قارشى يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا قويۇپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنىڭ خىتايغا قارشى توۋلىغان ياڭراق شوئارلىرى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى قويغان مۇزىكا ئاۋازىنى بېسىپ چۈشتى. نامايىشچىلار ئاخىرىدا بايانات ئېلان قىلىش بىلەن پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى. 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.

شۇنداقلا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشمۇ ھەم ئۇيغۇرلار، ھەم ياپونلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ناھايىتى جانلىق ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 2791 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2023 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق