1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىلىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشلىرى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ باياناتىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بېرى تۈرلۈك باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە پۈتۈن خەلق مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتىدا يەنە «تۈركىيە پارلامېنتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا، شۇنداقلا ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىل ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلىمىز» دەپ تەكىتلىدى.
نامايىشتا يەنە خەلقئارا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ سۆز قىلىپ، تۈركىيەدىكى بەزى شەھەرلەرنى خىتاي شەھەرلىرى بىلەن ئورناتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى، ب د ت سەمىمىي بىر تەشكىلات بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن لاگېر شاھىتى گۈلباھار خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆزىنى تۇتقۇن قىلغان ۋاقتىدا نېمە ئۈچۈن تۈركىيەگە بارغانلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ قارايدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەندىن باشقا، لاگېردىن قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىدىن ئۇلارنىڭ لاگېردىكى ئېغىر پاجىئەلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئارقىدىن بۈيۈك تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى ئىلياس ساقا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، قازاقلارنىڭ بالىلىرى، ماللىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، قازاق خەلقىنىڭ خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، ئاخىرى خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىغان قازاقلارنىڭ ھىجرەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ ئالدىنقى ئايدا ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 74 يىلدىن بۇيان ئىشغال قىلىنغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە دۇنيانى، خۇسۇسەن تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنى بۇ نۇقتىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
ئۇ يەنە خىتايغا خىتاب قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، كۆك بايراق كۆتۈرگەن ئاخىرقى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قالغۇچە كۈرەشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، خىتايغا مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت بۇرھان كاۋۇنجۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ