ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان: خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن 70 يىل» ناملىق كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى كاتسۇماتا تاكاھىكو نىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.
ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان: خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن 70 يىل» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ياپونىيە خوسېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور جۇن كاماكۇرا ئەپەندى كىتاب ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئارقىدىن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور سەيجى نىشىخارا يەنە «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ناملىق نۇتقىنى سۆزلىدى.
كىتاب تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى باش ئەلچى كاتسۇماتا تاكاھىكو ۋە باشقا سۆز قىلغان دوكتورلارغا مىننەتدارلىق گۇۋاھنامىسى سۇنۇلغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر كىتاب ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تۈرك ئوقۇرمەنلىرىگە يورۇتۇپ بېرىشتە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەر دەپ قارالماقتا.
دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، پىروفېسسور دوكتور جۇن كاماكۇرا ۋە پىروفېسسور دوكتور سەيجى نىشىخارا بۇ يىلقى شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر