ب د ت دا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

 

ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللىرى جىنايى قىلمىشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ھەر دائىمقىدەك سەپسەتە سېتىپ: «غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇندى» دەپ جار سالدى.

TRUTH. FREEDOM تورىنىڭ 29-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ تەربىيەلەش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماسلىققا مەجبۇرلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق بىئارام بولغان ۋە ھەر دائىمقى كۆكەمىلىكى بىلەن: «غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشكە ئۇرۇندى» دېگەن سەپسەتىلەر بىلەن جىنايى قىلمىشلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى زۇمرەت ئەركىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماسلىق دورىسى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، جىنسىي زوراۋانلىققا، ھەتتا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ۋە تۇغماسلىققا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى پېما دوما خىتاينىڭ تىبەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشىلىرىنى پاش قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاي رېجىمىنىڭ تىبەت قىزلىرىنى مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولاپ، ئۇلارنى تىبەت ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىنى، خىتاي يەنە ئاتالمىش ​​«يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش» نامى بىلەن تىبەت ئاياللىرىنى ئېغىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى ئىلگىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سەپسەتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىنايى قىلمىشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاي ۋەكىلى يەنە ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ئەزەلدىن دۇنياغا ئوچۇق، ھەرقانداق ئادەم كىرىپ ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرسە بولىدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.

يىغىندا سۆز قىلغان ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە جەمئىي 25 قېتىم خىتاي رېجىمىغا تىبەتنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 3449 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2023 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق