دوكلات: خىتاي يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ خەلقئارا ئەركىنلىككە تەھدىت سالماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، خەلقئارادىكى سۆز ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 28-سېنتەبىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مىليارد دوللارلاپ سەرپ قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۆز ئەركىنلىكى مۇھىتىنىڭ جىددىي تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ يەرشارى ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى پەقەت ئاممىۋى دىپلوماتىيە مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي، بەلكى يەر شارى ئۇچۇر بوشلۇقىنىڭ پۈتۈنلىكىگە خىرىس قىلىدىكەن. ئەگەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كونترول قىلىنمىسا، خىتاينىڭ ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسى ئېكسپورت قىلغان تېخنىكىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بىۋاسىتە ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ۋەزىيەت تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن. ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكى مۇھىتىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەرشارى ئالاقىلىشىش مەركىزى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى ھەر يىلى بىر مىليارد دوللارنى چەتئەل ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋە مەزمۇننى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا خىتاي كومپارتىيەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەرلەرنى ئاكتىپ تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي يەنە تەيۋەن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق قاتارلىق تالاش-تارتىشلىق تېمىلاردا خىتاينىڭ رەسمىي بايانى ۋە مەيدانىغا زىت بولغان ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ باستۇرىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترول قىلىش ئۇسۇلى «رەقەملىك مۇستەبىتلىك»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي تىلىدىكى تاراتقۇلارنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ۋە خىتاي بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر شارى ئۇچۇر مۇھىتىنى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن.

يەرشارى ئالاقىلىشىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە ماسلاشتۇرغۇچىسى جېيمىس رۇبىن مۇخبىرغا: «سىز ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ يەتكىنىڭىزدە، ھەيران قالغان ھالدا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ مۇھىم جايلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا  ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈستىدە دائىم ئىزدىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاجايىپ ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز» دېگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ شۇ كۈنى ئامېرىكا ئاۋازىغا نارازىلىق بايانى يوللاپ: «بۇ دوكلات ئامېرىكىنىڭ خىتاينى باستۇرۇش ۋە زومىگەرلىكىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان يەنە بىر قورالى» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3325 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2023 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق