خىتاي ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۆتكۈزدى

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى»نى تەشكىللىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 27-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇنبەرگە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن ئاپپاراتلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالاقىدار تەتقىقات ساھەسىدىكى 12 نەپەر ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان.

ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، قورساق تويغۇزۇشتىن-ياخشى تاماق يېيىشكىچە، كىيىمى پۈتۈن بولۇشتىن-چىرايلىق كىيىنىشكىچە، ئېشەك ھارۋىسىدا يول يۈرۈشتىن زامانىۋى قاتناش قوراللىرىدا يول يۈرۈشكىچە، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خىتاي چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭ ئاتالمىش «ئۆز ئالدىغا ئەمگەك قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان. خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ لىيۈ خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىنى بايان قىلغان.

مۇنبەردە 12 ئاتالمىش مۇتەخەسسىس «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىختىيارىي، ئۆز ئالدىغا، ئەركىن، قەدىر-قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلماقتا، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، تاشقى كۈچلەر خىتاينى چەكلەشنى مەقسەت قىلماقتا» دېگەن سەپسەتىلەرنى يەنە تەكرارلىغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق ساياھەت ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالاھىدە تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، كۆز بوياپ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمى سەپسەتىلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات مۇنبىرى»نى تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا تەرتىپكە قارشى سەپسەتىلەرنى پەيدا قىلىشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7422 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2023 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق