خىتاينىڭ 51 يىللىق «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسى» ئاخىرلاشتى

خىتاينىڭ «ياخشى نىيەتلىك باش ئەلچىلىرى» دەپ قارالغان مۈشۈكئېيىقلىرى خىتاينىڭ توختامدىن چېكىنىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكىلىقلار بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 51 يىل داۋاملاشقان «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيىسى» خىتاينىڭ توختامدىن چېكىنىشى سەۋەبىدىن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 1-ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىدىغان مۈشۈكئېيىقلار ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرىدە زىيارەتچىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانماقتا.

خىتاينىڭ مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسى تارىخى ھەققىدە 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى «دۆلەت ئارخىپى» ناملىق تور بېكەتتە چىققان بىر خەۋەردە 50 يىل ئىلگىرىدىكى 16-ئاپرېل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى نىكسون دەۋرىدە خىتايدىن شىڭ-شىڭ ۋە لىڭ-لىڭ ئىسىملىك ​​ئىككى مۈشۈكئېيىقنىڭ سوۋغا قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ 90-يىللاردا ئۆلگەنلىكى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مېي شياڭ بىلەن تيەن تيەن ئىسىملىك ئىككى مۈشۈكئېيىقنىڭ ئىجارىگە ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، 1982-يىلىدىن باشلاپ، مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسىنىڭ سوۋغاتتىن ئىجارىگە ئۆزگەرگەنلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر مۈشۈكئېيىققا بىر مىليون دوللار ئىجارە تۆلەپ كەلگەنلىكى ۋە 51 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم توختامنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۇزارتىلماسلىقى سەۋەبلىك مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسى خىتاي رېجىمىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىش، جىددىي ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن دۆلەتلەر بىلەن سوغۇقچىلىقنى تۈگىتىش ۋە خىتاينىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشتا ئاساسلىق رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە يىرىكلەشكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3315 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2023 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق