تەيۋەن تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىپ خىتايغا ھەيۋە كۆرسەتتى

تەيۋەن خىتايغا ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان يەرلىك مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچلەندۈرۈش پىلانى بويىچە تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بەردى.

تەيۋەن دۆلەت ئىچى مۇداپىئە سۇ ئاستى پاراخوتى پىروگراممىسىغا ئاساسەن ياسالغان تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان خىتايغا كۆرسىتىلگەن ھەيۋە ۋە تەھدىت دەپ قارالماقتا.

تەيۋەننىڭ پورت شەھىرى كاۋشيوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا «خەيكۈن» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى سىناق قىلىنىش ئۈچۈن دېڭىزغا قويۇپ بېرىلدى. تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن كاۋشيوڭ پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تەيۋەننىڭ خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەي يىڭۋېن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە: «تارىخ بۇ كۈننى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ. يەرلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش ئويى ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك قارالغانىدى. ئەمما بۈگۈن كۆز ئالدىمىزدا بىز لايىھەلىگەن ۋە ئىشلەپچىقارغان سۇ ئاستى پاراخوتى تۇرۇپتۇ. بۇ بىزنىڭ تەيۋەننى قوغداش ئىرادىمىزنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر» دېدى.

ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، 1 مىليارد 540 مىليون دوللارلىق دىزېل ئېلېكتىرلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ھەر خىل سىناقلاردىن ئۆتۈپ، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىدا ئامېرىكا مۇداپىئە شىركىتى لوكخىد مارتىننىڭ جەڭ سىستېمىسى بار بولۇپ، ئامېرىكا ياسىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللاندۇرۇلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3181 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2023 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق