ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 11 دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ G5 تورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتى ئۈسكۈنىلىرىنى بايقۇت قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەتىرىنى كۈنسېرى تونۇپ يەتكەن دۆلەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تېخنىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن جۇڭشىڭنىڭ تور ئۈسكۈنىلىرىنى بايقۇت قىلىشقا قوشۇلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ئالدىنقى ھەپتە شىركەتلىرىدىن خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ياكى چەكلەشنى تەلەپ قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 6-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى بازار ئەمەلدارى تىئېررىي برېتون تېخىمۇ كۆپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى بايقۇت قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ G5 تېلېگراف تورىدا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغا قەدەر ئەنگلىيە، ئېستونىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، پورتۇگالىيە، رومىنىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق 11 دۆلەت خىتاينىڭ خۇاۋېي بىلەن جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى بايقۇت قىلىشقا قاتناشقان.
شۇنداقلا 2020-يىلى ئەنگلىيە خۇاۋېيغا ئوخشاش يۇقىرى بىخەتەرلىك خەۋپى بار دەپ قارالغان تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئەنگلىيەنىڭ G5 تورىغا كىرىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغانىدى. ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيە خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگلىيە تورىدىن چىقىرىۋېتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تور ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ