گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك خىتاي بىلەن توقۇنۇش خەۋپىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايېربوك 28-سېنتەبىر: «خىتاي ھەمكارلاشقۇچى شېرىك ۋە رىقابەتچى، ئەمما بارغانسېرى سىستېمىلىق رەقىبكە ئايلانماقتا. بىز مەسىلىگە سەل قارىمايمىز ھەمدە ئۆزگىرىشكە سەل قاراشقا يول قويمايمىز» دېگەن.
بايېربوك مۇنازىرە جەريانىدا خىتاينىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر قاتار چوڭ ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى ساناپ ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ياكى غايىب بولغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىغا پېتىپ، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، دىپلوماتىك جەھەتتە خىتاينىڭ بەششار ئەسەدنى قوللاشتىن باشقا تالىبانلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، ھىندىستان ۋە تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بايېربوك يەنە خىتاينىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە زېمىن داۋاسى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ كېڭىيىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن توقۇنۇشىنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.
ئۇ يەنە: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ئىستراتېگىيەسى تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۇختا رامكا بىلەن تەمىنلىدى. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، ئەمما ئۇ چوقۇم ئادىل قائىدىلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى پېتېر بىسترون بايېربوكنى گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئىزچىللىقىنى بۇزدى دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇ: «ھۆكۈمەت 50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئەمدىلىكتە سىز قۇرۇلۇپ بولغان ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىۋاتىسىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ