ھىندونېزىيە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق تىك توكقا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىشنى چەكلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيە سودا مىنىستىرى زۇلكىفلى ھەسەن Hasan چارشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ بىۋاسىتە سېتىشىنى چەكلەش نىزامىنىڭ 26-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى، بارلىق سۇپىلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەڭشەش ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىۋاسىتە سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان بولۇپ، پەقەت ئېلان تەشۋىقات قىلالايدىكەن.
بۇ بەلگىلىمە 2020-يىلى ماقۇللانغان بىر يۈرۈش سودا بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى بولغانلىقى سەۋەبلىك پارلامېنتنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى ماقۇللىشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن.
ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور سودىسىنى ئايرىشقا چاقىرىق قىلىپ، ھىندونېزىيەدە كەڭ قوللىنىلىدىغان خىتاي ئەپ دېتالى TikTok قاتارلىق چوڭ سۇپىلارنىڭ يەرلىكتىكى كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ھىندونېزىيە سودا مىنىستىرى: «ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ سودىسىنى قوغدايدۇ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەقسىتى ئادىل ۋە باراۋەر سودا رىقابىتىگە كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا ئابۇنىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ بايانىدا يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، دۇكان ۋە بانكا بولۇش رولىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
زۇلكىفلى سۆزىدە يەنە ئىجتىمائىي سودا سۇپىلىرى تېلېۋىزورغا ئوخشاش ئېلانلارغا مۇلازىمەت قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ سودا قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بىۋاسىتە TikTok نىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي سۇپىلارنىڭ بىۋاسىتە سودا قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى خىتاي تېخنىكا ماگناتى تىك توكقا نىسبەتەن يېڭى زەربە ئىكەن. تىك توك ئەپ دېتالى يېقىنقى يىللاردا ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شىركەتنىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە قاتتىق تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق چەكلەنمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ