ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى دىيالوگنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ خىتايغا قارشى ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى. مەزكۇر ھەمكارلىق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىرلەشمە دېڭىز ھەرىكىتى، ئالەم بوشلۇقى ۋە تور ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئامېرىكا ئاۋازى)