خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى دىيالوگنى كۈچەيتىپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ خىتايغا قارشى ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-سېنتەبىر ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-ھىندىستان دىيالوگ يىغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئىككى تەرەپ ئارمىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ھەمكارلىق ھىندى ئوكيان رايونىدىكى بىرلەشمە دېڭىز ھەرىكىتى، ئالەم بوشلۇقى ۋە تور ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرى قوشنا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلغان بولۇپ، شۇڭا ئامېرىكا ۋە ھىندىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى پىلانلىغان. ئامېرىكا-ھىندىستان دىيالوگ يىغىنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ يېڭى دېھلىدا 30 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان ھىندى-تىنچ ئوكيان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى تەشكىللەپ، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى نامايان قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون سۇپلې 26-سېنتەبىردىكى باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچى مىنىستىرى ئېلى راتنېر بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ ياردەمچىسى دونالد لۇ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
باياناتچى جون سۇپلېنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دىيالوگ ئامېرىكا-ھىندىستان ھەمكارلىقىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا، خەلق مۇناسىۋىتى، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئۇلۇغۋار تەشەببۇسلارنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇندىن باشقا، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىك ۋە مۇداپىئە ۋەكىللىرى ھىندى ئوكيان رايونىدىكى دېڭىز-ئوكيان ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇلار يەنە بوشلۇق ۋە تور ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىكى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلاردا بىرلىككە كەلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ