خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى يېرىم كېچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ سىكاربورو ئارىلىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي دېڭىز ساقچى ئىدارىسى 27-سېنتەبىر فىلىپپىننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ سىكاربورو ئارىلىغا بېسىپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاي باياناتچىسى بۇ ھەقتە، 22-سېنتەبىر فىلىپپىننىڭ بېلىقچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاراخوتى خىتاينىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، خىتاي «خۇاڭيەنداۋ» دەپ ئاتاۋاتقان سىكاربورو ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى، خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى ئاگاھلاندۇرۇش، ھاۋا يولىنى باشقۇرۇش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاراخوتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىنى، فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ لاگۇنا كۆلىگە بۆسۈپ كىرىپ ۋاقىتلىق توسۇش تورى ئورناتقانلىقىغا قارىتا، 23-سېنتەبىر توسۇش ئەسلىھەلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇۋېلىپ، نورمال باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە فىلىپپىننىڭ خىتاي تەرەپنىڭ توسۇش تورىنى سۆكۈۋېتىشى پۈتۈنلەي پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئېلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ سىكاربورو ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ بىلجىرلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس شەرتنامە ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر پەيتتە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىن بۇ يىل 10-مايدىن 12-مايغىچە ۋىتسونداي ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 322 كىلومېتىر رايون ئىچىدىكى بەش رايوندا دۆلەت بايرىقى ئورنىتىلغان لەيلىمە بەلگە ئورناتقان.
فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرى ئەمەلدارى تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «بۇ ھەرىكەت فىلىپپىننىڭ دېڭىز چېگراسى ۋە بايلىقىنى قوغداش ۋە دېڭىز-ئوكيان سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلى ماي ئېيىدا فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى سىپراتلى ئارىلىدىكى تۆت ئارالغا بەش يول باشلاش لەيلىمە بەلگىسى ئورناتقان ۋە خىتايمۇ بۇنىڭغا قارشى لەيلىمە بەلگە ئورنىتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى ۋە فىلىپپىن تېخى بىر قانچە بۇرۇنلا خىتاي قويغان لەيلىمە توساقنى پىچاق بىلەن كېسىپ تاشلاپ، خىتايغا جەڭ ئېلان قىلغانىدى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلار نۆۋەتتە بۇ جاينى يەر شارىدىكى ئەڭ خەتەرلىك جاي، دەپ سۈپەتلىگەنىدى.
نۆۋەتتە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن ماجراسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ