ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا لايىق ئىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا مىللېينىڭ خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئۆزىنىڭ خەۋىرىسىز كۆرۈشكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇ خىيانەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ شۇنداق قورقۇنچلۇق ھەرىكەتكى، ئىلگىرى جازاسى ئۆلۈم بولاتتى» دېدى.
تىرامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى سۆزىدە مارك مىللېينى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ پىرىزدېنتنىڭ خەۋىرىسىز خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى خىتايغا خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ شۇنداق قورقۇنچلۇق ھەرىكەتكى، ئىلگىرى جازاسى ئۆلۈم بولاتتى... خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بۇ خىيانەتچىلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
گېنېرال مىللېي 2021-يىلى 9-ئايدا كېڭەش پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتىغا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئۆزىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تىرامپنىڭ پرېزىدېنتلىق دەۋرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىپەم جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئىدى. مېنىڭ خىتايغا قىلغان سۆزۈم: خاتىرجەم بولۇڭلار، مۇقىم تۇرۇڭلار ۋە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ھۇجۇم قىلمايمىز، دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر