يەنە بىر خىتاي مىلياردېر نازارەتكە ئېلىندى

خىتايدا ئەڭ كۆپ قەرزگە بوغۇلغان خېڭدا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى شۈ جيايىن ساقچىلارنىڭ نازارىتىگە ئېلىنغان بولۇپ، قەرز كرىزىسىدىكى قۇرۇلۇش ۋە ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بولغان خېڭدا گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە تەكشۈرۈشى شۇنداقلا پۇل تۆلەش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ مىلياردېر رەئىسى شۈ جيايىن ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىنغان بولۇپ، بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن نەزەربەند قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئاساسەن، نازارەتكە ئېلىنغۇچى تەستىقتىن ئۆتمەي تۇرۇپ ئۆيدىن ئايرىلالمايدىكەن، باشقىلار بىلەن كۆرۈشەلمەيدىكەن ياكى ئالاقە قىلالمايدىكەن. قانۇن بويىچە پاسپورت ۋە كىملىكى ​​چوقۇم ساقچىغا بېرىلىشى كېرەك ئىكەن.

شۈ جيايىن خېڭدا گۇرۇھىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، بوتۇلكىلىق سۇدىن تارتىپ كەسپىي پۇتبول ۋە ئېلېكترونلۇق ماشىنىلارغىچە بولغان نۇرغۇن كەسىپلەرگە كېڭەيگەن. 64 ياشلىق خۇي كا يەن 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، 2008-يىلى ئۇ سەرخىل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانا رەھبەرلىرى قاتارىدا خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناشقان 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىشلار ناچارلىشىشقا باشلىغان.

ئاسىيادىكى ئىككىنچى باي كىشى بولغان شۈ جيايىننىڭ ۋەيران بولۇشى ئىنتايىن تېز بولغان بولۇپ، بىلۇمبېرگ مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا، شۈ جيايىننىڭ بايلىقى 2017-يىلى 42 مىليارد دوللاردىن 1.8 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان. خېڭدا گۇرۇھى ھازىر 2 تىرىليون 390 مىليارد يۈەن (327 مىليارد دوللار) قەرزى بار ھالغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىركەتنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، سابىق مالىيە ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى قاتارلىق ئەمەلدارلىرىمۇ قولغا ئېلىنغان.

ئۇندىن باشقا 16-سېنتەبىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى جۇ جىيالىننىڭمۇ 17-سېنتەبىر قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە داۋاملىشىۋاتقان توختاپ قېلىش ۋە ئۆي سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن چىقىم قىلىشى قىيىنلاشقان بۇ شىركەت 25-ۋە 26-سېنتەبىر كۈنلىرى ھەقدارلار بىلەن پىلانلىغان ئالتە يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەگەر شىركەت 30-ئۆكتەبىر خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئارقىلىق ھەقدارلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، قەرزلىرى بەدىلىگە شىركەتنىڭ مال-مۈلۈكلىرى تۇتۇپ قېلىنىشقا باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2387 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2023 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق