ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئۈچ خىتاي شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلغان خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقان ئورۇنلار تىزىملىكىگە يەنە ئۈچ خىتاي شىركىتىنى قوشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرى ئىچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بارلىق مەھسۇلاتلارنى يوقىتىش ئىكەن.

قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئۈچ خىتاي شىركىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» تيەنميەن ئاساسىي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ» جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن شىركەتلەر ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللاپ ئەمەلىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشى ياكى ئەمەلىي تەدبىر قوللانماسلىقى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى سودا ھەرىكەتلىرىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەرمەكتە.

خىتاي رېجىمى خەلقئارالىق جازا ۋە بېسىملارغا قارىماي، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن غايەت زور مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆمۈر يول لىنىيەسى ئارقىلىق ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزگەن. بۇ ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ قىممەت، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ئاستا بولۇشتەك كەمچىللىكلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2071 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2023 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق