خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سەپسەتە سېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇش ۋە يالغان سەھنىلەر بىلەن ئۇلارنى ئالداش ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» بويىچە كۇرسانتلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز 24-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە مەزكۇر كۇرسانتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.

ما شىڭرۈي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى كۇرسانتلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى توسۇش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ماھىيەتتە زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» دەپ بىلجىرلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيارەت ئۆمىكى ئىچىدە سومالى، چاد، زامبىيە، لىبېرىيە، گابون، ئانگولا، نىگېرىيەدىن كەلگەن كۇرسانتلار ۋەكىللىرى بار بولۇپ، ئۇلار سۆزىدە: «شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، ھەر خىل دىنلار ئىناق ۋە ئىتتىپاق ئىكەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ ۋە قوغدىلىپتۇ» دېگەنلەرنى جۆيلۈپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7200 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2023 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق