رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن خىتاي شىركەتلىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگەن خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 11 خىتاي شىركىتى ۋە 5 رۇسىيە شىركىتىگە يېڭى سودا ئېمبارگوسى قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ئەيىبلەنگەن. ئېكسپورت سىياسىتىنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى فىنلاندىيە ۋە گېرمانىيە شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 28 شىركەتنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ بۇ شىركەتلەرنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئۇلىنىش چەكلىك شىركىتى ۋە رۇسىيەنىڭ «SMT-iLogic» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز شىركەت ئىلگىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر رۇسىيەنىڭ «ئالاھىدە تېخنىكا مەركىزى»، رۇسىيە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى، «GRU, GRU»نى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ 28 شىركىتىگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويغان بولۇپ، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر رۇسىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن رۇسىيە شىركىتىنى زاپچاس بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ھازىرقى ئېكسپورت كونتروللۇقىغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ گۇمان قىلىنغان توققۇز شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا سانت پېتىربۇرگدىكى «ئالاھىدە تېخنىكا مەركىزى»نىڭ رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى GRU نى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم چەكلەنگەن شىركەتلەر خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئۇلىنىش چەكلىك شىركىتى، فىنلاندىيەدىكى ئۈچ شىركەت، گېرمانىيەدىكى بىر شىركەت ۋە رۇسىيەدىكى تۆت شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە رۇسىيە تاراتقۇلىرى iStories ئۆتكەن يىلى لوندون ئەقىل ئامبىرى ۋە خانلىق بىرلەشمە مۇلازىمەت مۇداپىئە ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ «ئالاھىدە تېخنىكا مەركىزى» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى مەركەز قىلغان دۇنياۋى تورنى بايقىغان. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى ئېكسپورت قىلغۇچى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئۇلىنىش چەكلىك شىركىتى رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ شىركەت ۋە رۇسىيە ئىمپورت شىركىتى «SMT iLogic» بۇ يىل مايدا ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق جازاسىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئالان ئېستېۋېز: «پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى قانۇنسىز ئۇرۇشىنى تەمىنلەش ۋە قوللاش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلارغا قارىتا قىلچە ئىككىلەنمەستىن تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى جىنا رېيموندو ئالدىنقى ھەپتە: «نۆۋەتتە 700 دىن ئارتۇق شىركەت ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى بايدېن ھۆكۈمىتى قارا تېزىملىككە كىرگۈزدى» دېگەن. رېيموندو مۇشۇ ئايدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا: «بىز تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرگە موھتاج» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1740 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق