رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېۋاستوپول بېلبېك ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالدى.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 25-سېنتەبىر كەچتە سېۋاستوپول شەھىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ سېۋاستوپول بېلبېك ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى 25-چېسلا كەچتە بېلگورود ئىشتاتىدا ئۇكرائىنانىڭ يەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ، كۇرسىك ئوبلاستىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇم تىپىدىكى ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەپتە رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە كۈچىدە ئۆزگىرىش بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1996 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2023 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق