فىلىپپىن تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارىماي، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى.
يەر شارىدىكى ئەڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سۇلارنىڭ بىرىدە قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان توقۇنۇشقا ئايلانغان بولۇپ، CNN قانىلى بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى «ئەڭ يېڭى چاقماق نۇقتىسى» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر تۇتۇشۇۋاتقان رايون بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا 2023-يىلى 2-ئايدا ئىمزالانغان كېلىشىم جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، فىلىپپىندا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تۆت يېڭى بازا ئېچىلغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدا مۇداپىئە قالقىنى قۇرۇلدى. جەنۇبتىكى ئاۋسترالىيەنى، شىمالدا ياپونىيە ۋە كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ لىنىيە فىلىپپىننىڭ قاتنىشىشى بىلەن تاماملانغانىدى ۋە نەتىجىدە ئامېرىكا خىتاينى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغانىدى.
ئەڭ سەزگۈر مەسىلىسى بولغان تەيۋەن سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق قوشنىلىرى بىلەنمۇ مەسىلىسى بولغان خىتاي رېجىمى تالاش-تارتىشتىكى سۇدا قۇرغان سۈنئىي ئاراللارغا نۇرغۇن ھەربىي بازا ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، تەيۋەن، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ ئاراللاردا ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
فىلىپپىن بازا كېلىشىمىدىن ئىككى ئاي كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن مىڭلىغان ئەسكەر قاتناشقان مانېۋىرغا قاتناشقان بولۇپ، 12 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بۇ رايونغا كىرگەنىدى. مانېۋىردا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۆزىنى كۆرسىتىپلا قالماي، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن داڭلىق «ۋەتەنپەرۋەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا سىستېمىلىرىمۇ رەسمىي ئوق ئېتىش بىلەن ھەيۋە كۆرسەتتى.
خىتاي قويغان لەيلىمە توسۇقنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىنلىق غەۋۋاس پىچاق بىلەن كېسىپ تاشلاپ، خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلار نۆۋەتتە بۇ جاينى يەر شارىدىكى ئەڭ خەتەرلىك جاي دەپ تەسۋىرلىمەكتە.
CNN قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەۋۋاس فىلىپپىننىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىدىن سۇغا شۇڭغۇغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك خادا تاش جايلاشقان بۇ رايون فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىنىڭ غەربىگە تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلىدىكەن. فىلىپپىنلىق غەۋۋاس ئاددىي ماسكا بىلەنلا سۇغا شۇڭغۇپ، كىچىك پىچاق بىلەن ئارغامچىنى كېسىپ توسۇقنى ئېلىۋەتكەن.
مانىلا ھۆكۈمىتى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئورناتقان لەيلىمە توسۇقلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈن ئېلان قىلىنغان يېڭى باياناتتا، ئەگەر يېڭى توسۇقلار ئورنىتىلسا ئوخشاش قەدەمنىڭ تاشلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
خىتاي رېجىمى بولسا بۇ ئارالنىڭ خىتايچە نامىنى قوللانغان رەسمىي باياناتىدا قاتتىق ئاچچىقلاپ چالۋاقىغان بولۇپ، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ «خىتاي فىلىپپىننى تالاش-تارتىشتىكى خادا تاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە پەيدا قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، ۋاڭ ۋېنبىن يەنە مانىلا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئىغۋاگەرچىلىكتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىپ بىلجىرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باجو دې ماسىنلوك ئارىلى 2012-يىلى خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان بولۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 900 كىلومېتىر كېلىدىكەن. 2016-يىلى گاگادىكى بىر سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ پۈتكۈل رايوننى تەلەپ قىلىدىغان قانۇنىي ئاساسى يوق دەپ ھۆكۈم قىلىپ، فىلىپپىننى قوللاش قارارى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىرغىچە ئۇ قارارنى ئېتىراپ قىلمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر