خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان ھەرقانداق ئورگانغا قانداق تەھدىت سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان جىنايەتلىرى كەسكىن ئەيىبلەندى.
زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا 27 دۆلەت خىتاينىڭ ھەرخىل تەھدىتىگە پىسەنت قىلماي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
خىتاي تارىختىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگىنىدەك: «خىتايغا قارشى كۈچلەر يالغان خەۋەر تارقاتتى، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر تۈركۈم دۆلەت ب د ت دا خىتاي ھەققىدە مۇنبەر تەشكىللىمەكچى بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى 14-سېنتەبىر بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قورقۇتۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مەزكۇر يىغىلىشقا قاتناشماسلىققا چاقىرغان.
بۇ مۇنبەر ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دەۋا تۈرى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش خەۋىرى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان.
ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى تەكىتلىگەندىن كېيىن، مەزكۇر مۇنبەرنى تەشكىللەش قارار قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان ۋە قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى: «ئىرقىي قىرغىن قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشنى تەشكىل قىلىدۇ» دەپ بېكىتىلگەنىدى.
ئامېرىكا يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىشخانىسى، يەرشارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىشخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى بېت ۋان شاك مۇنبەردە قىلغان سۆزىدە: ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلات مەزمۇنىنىڭ يەرشارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنىڭ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشى دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى 15 يىللىق قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مۇسادىرە قىلىش، نورمال ھەرىكىتىنى چەكلەش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، تۇغۇتنى مەجبۇرىي چەكلەش ۋە كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ نەچچە يۈز مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايى قىلمىشلىرىغا تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇنبەردە يەنە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى دىرېكتورى پېتېر لوففېلخاردت كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىياتتىن ئايرىم دەپ قارايدىغان پوزىتسىيەنى ئەيىبلەپ: «كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تەرەققىيات بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. خىتاي ئىمزا قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلماقتا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. بىز خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ